2005.12.14

14‏-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسىدىكى ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ت. كۇمار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

يىغىندا رابىيە قادىر، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كۆچىشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش تىركىشىشىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىنى ئېغىر بوغىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئۇ يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى مەخپىي سوت بىلەنلا جازالىغانلىقى ھەتتا نۇرغۇنلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ئۇقتۇرماستىنلا ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. (پەرىدە)