2005.12.12

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سادالىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىتىش ئۇچۇن تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلىكلەر، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى قاتناشتى.

نامايىش ئەتىگەن سائەت 9 دا باشلانغان بولۇپ، ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولىشىغا قارىماي، بىرنەچە سائەتكە سوزۇلغان نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار «خىتايلار شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ، «ئۇيغۇرلارغا ھۆلۈك»، «تارىخچى توختى تۇنىياز، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىقلار دەرھال قۇيۇۋېتىلسۇن» ، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.