2005.12.09
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى
12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدۇر.1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى بۇنىڭدىن 57 يىل مۇقەددەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان بۇ خىتاپنامىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كۈنسايىن كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىمۇ بايانات ئېلان قىلغان.
ۋاشىنگتوندا نامايىش
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر كومىتېت قۇرۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى.12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن ئېتىبارەن نامايىش باشلاندى.
بۇ نامايىش ھەپتىدە يەتتە كۈن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نامايىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا ئەركىن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىپادە قىلىش ئىكەن.
گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە قارار ماقۇللىدى
گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئۆلۈم جازاسى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ قارار ماقۇللىدى. بۇ قارار گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ 150 نەپەر ئەزاسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.
ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ب د ت نىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى
2005-يىلى 26-نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كويچىرو ماتسۇرا ئەپەندى ئۇيغۇر «12 مۇقامى» ۋە «دولان مۇقامى» قاتارلىق ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ » دۇنيا «شەكىلسىز مەدەنىيەت بايلىقلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادا مۇزىكا ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لەيلى خانىم ھازىر ياۋروپادىكى مىللىي مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا نىسبەتەن بىر يېڭى تونۇش ھەم قىزىقىشنىڭ قوزغىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ،ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن شەكىلسىز مەدەنىيەت بايلىقلىرى قاتارىغا كىرگۈزىلىشىنىڭ ئەنە قىزىقىش ۋە تونۇشلارنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى؛
كورلا شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى يېڭى ئىنكاسلار
ھەقسىز تېلېفون لىنىيىمىز بويىچە تېلېفون بەرگەن بىر كىشى بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كورلا شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپ ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر باشلىقلىرى ھەققىدە خەلقنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇتەللىپ ھايات ۋاقتىدا كورلا شەھىرى يېنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى ياغاچچىلىق مەيدانى قىلىشقا كىرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە كۆپ ئادەملەر كەلمىگەن بولۇپ، پەقەت بىر قىسىم ساقچىلار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتناشقان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىدىن بېيجىڭغا ئەرزى قىلىپ بارغان ئەرزى قىلغۇچىلارنىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇش، قورقۇتۇش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. .مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە 10 مىليون پارچە ئەرز-شىكايەت خېتى كەلگەن بولۇپ، ئەرزى قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار ئىكەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جاۋيەنگە مۇكاپات بەردى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغان خادىمى جاۋيەنگە 2005-يىللىق خەلقئارا ئاخبارات مۇكاپاتى بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن جاۋيەننى » دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلىغان» دېدى.
ئامېرىكا- خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ 2-قەتىملىق سۆھبىتى 7- دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭغا ئامېرىكا تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زۇلىيىك، خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىنگو قاتناشتى. سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا خىتاينى دۇنيا سىستېمىسىغا ئېلىپ كىرىش بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئاساسىي تېما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا تاشقىن ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت تېمىسىدىكى ئاساسلىق تېما قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان.
ئىسلام كېرىموپنىڭ قىزى شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى
7-دېكابىر كۈنى تاشكەنتتە ئېچىلغان يىغىندا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموپنىڭ قىزى گۈلنارا كېرىموۋا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ئېنېرگىيە ئورگىنى قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۆزبېكىستان كۆزەتكۈچىلىرى گۈلنارا كەرىموۋانىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئېنېرگىيە سودىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن ئېنېرگىيە سودىسى قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي بىلەن رۇسىيىنى شېرىكلىككە تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ يىلقى ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشكەنت رەھبەرلىرىنى تەنقىد قىلىشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سوغۇقلىشىپ، تاشكەنتنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلۇشۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)