2005.11.29
گېرمانىيىدە چىقىدىغان «ئەينەك» ژورنىلى 22 – نويابىردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىرنى خىتايغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان مۇسۇلمان » بۇرجۇئا ئىنقىلاپچىسى» دەپ ئاتىدى. ماقالىدە » رابىيە قادىر خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك سوت مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا» دەپ تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1997 – يىلى 3 – ئايدا خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقى، خىتايغا «ئۇرۇش ئېلان قىلىش باياناتى» بولۇپ، بۇ رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئادا – جۇدا بولۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
ماقالىدە ئاپتور، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلق سارىيىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4800 نەپەر ۋەكىلىگە » جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى توغرا ئەمەس ۋە ئادالەتسىزدۇر» دەپ خىتاپ قىلغانلىقىنى يازدى. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يىغىندا » جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش كېرەك » دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە » ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە تىلىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك» دەپ سۆزلىگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 1997 – يىلى 5 – فېۋرالدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ غۇلجا ياشلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ سەۋر- تاقىتىنى تولدۇرغان ئاخىرقى تامچە بولۇپ قالغان. (ئەركىن)