2005.11.16
چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «خىتاينىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ستراتېگىيىلىك ئەندىشىلىرى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانچە كىتاب يازغان ئامېرىكىدىكى جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دانىيال سوزېرلەند قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
يىغىندا ، 1991 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، كۆز قارىشىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «تېررورچىلار» بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىندا ئاساسلىقى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي خىتايدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتىلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.(پەرىدە)