2005.11.04

روزا ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك روزا ھېيتى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ 30 كۈنلۈك رامىزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەزكۇر مۇبارەك كۈننى كۈتۈۋالدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ، غەرب دۇنياسىدىكى يەنى ياۋروپا-شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزارا روزا ھېيىتىنى تەبرىكلىشىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيتى خوشاللىقىغا چۆمۈشۈپ، ئۆز ئارا ھېيتىلاشتى ۋە بىر –بىرىنى تەبرىكلەشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ياخشى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۆز ئانا تىلىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ھەم تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئانا ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە سادىق، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەزىمەتلەردىن بولۇشى ئۈچۈن تىرىشماقتا. ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ئۆز ئارا ھېيتلىشىش ۋە بىر يەرگە جەم بولۇش ئارقىلىق، ئۆز ئارا دوستلۇق ھەم پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم دەپ بىلمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ رەھبەرلىرى مەخسۇس تۈردە روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىللىرى قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‎مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ‎قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىپى بويىچە ‎قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىر ‎ھەپتىلىك زىيارەت ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.‎ خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت ‎مەركىزىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئەخمەتجان شاردىنوپ، دىلمۇرات قۇزىيېۋ ‎قاتارلىقلار ساھىپخانلىق قىلغان. بۇ ئۆمەك 2-نويابىر كۈنى شەرقشۇناسلىق ‎ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ‎ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ھەر ساھەنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ‎ئۆتكۈزگەن.‎ ‎.‎ ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قەھرىمان ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ تۈپ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ‎قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ئەسلىدە ‎ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيارەت ‎پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ 1996-يىلى بېكىتكەن 7-نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن ‎مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ‎رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.‎

قەھرىمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقات ۋە پارچىلاش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شاردىنوپ، دىلمۇرات قۇزىيېۋ ۋە مۇرات ئەخمىدى قاتارلىق بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا چاقىرتىلىپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىنغان ئىدى. بۇلار بۇ قېتىم مەزكۇر خىتاي ۋەكىللىرىنى قازاقىستانغا چاقىردى.

ئۈرۈمچىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 30 مىڭغا يەتتى

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئاشماقتا. ئېنىقلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ پۈتۈن خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.

ئىگىلىشىنىشلەرگە قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىكەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەخلاق كرىزىسى شۇنىڭدەك تىببىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ تازىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئامېرىكىدىكى دوختۇر مەمەت ئىمىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار تىببىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتتىن كېلىۋاتقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇش خاھىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرگىلى بولىدۇ.

ب د ت دوكلاتى، خىتاي سودا ۋە تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا يەنىلا ئۇنچىۋالا ئالدىدا ئەمەس.

ب د ت نىڭ دۇنيادىكى 110 دۆلەتنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى باھالاپ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تەرەققىياتى دۇنيا بويىچە ئاران 51 –ئورۇندا تۇرىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساندىن خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۇلار ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىپ كۆپتۈرىۋاتقاندەك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

خىتاي-رۇسىيە باش مىنىستىرىلىرى ئۇچراشتى

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل فرادكوپ 3-نويابىر كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتلەردە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشمۇ ئاساسىي تېما بولغان. خىتاي تەرەپ رۇسىيىدىن داچىڭ-ئانگارسكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئۇزۇندىن بۇيان بۇ لايىھىنى كېچىكتۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئەكسىچە ياپونلار بىلەن بولغان نېفىت سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئانگارسكىي-نوخودكا نېفىت تۇرۇبىسىنى باشلىغان ئىدى. خىتاي تەرەپ رۇسىيىدىن تېخىمۇ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ زىيارەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىكەن. ئامېرىكا ئۆزبېكىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە قارار لايىھىسى سۇنۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ قولغا ئالغان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن سەنجەر ئۆمەروپ قاتارلىقلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشىنى سورىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىسلام كەرىموپنىڭ ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.

قىرغىزىستاندا تۈرمىلەردە توپىلاڭ يۈز بەردى

قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى بىشكەك ئەتراپىدىكى تۈرمىلەردە كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭلارنى تىنجىتتى. بۇ توپىلاڭ ئۆتكەن ھەپتىدە پارلامېنت ئەزاسى ئاخماتبايېۋنىڭ 31-نومۇرلۇق تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچىلەرنى يۆتكەش جەريانىدائى چىققان بولۇپ، ئىچكى ئىشلار ئارمىيىسى بىلەن جىنايەتچىلەر ئارىسىدا قىسقا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەتىجىدە بىر قانچە جىنايەتچى ئۆلتۈرۈلۇپ، تۈرمىلەردىكى توپىلاڭلار بېسىقتۇرۇلغان.

قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۈرمىلەردە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ھەم يېقىندىن بۇيانقى مۇقىمسىزلىقلاردا سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ تەرەپدارلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)