2005.11.04
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، دالاي لاما ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىپ، تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.
دالا لاما ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ، 13 – سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىن زالىدا قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. تىبەتلىكلەر يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان.
تىبەت روھانى داھىسىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لودى گيارى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لودى گيارىنىڭ تەكىتلىشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تىبەت مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. لودى گيارى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردە بەزى ئىجابىي بىشارەتلەرنى بايقىدى، دەيدۇ.
لودى گيارىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىن رەھبەرلىرى بولۇپمۇ كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار تىبەتلەرنىڭ پىكىرىگە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
ئەمما بەزى تىبەتلەر خىتاينىڭ سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىن ھۆكۈمىتى تىبەت ۋەكىللىرى ئەمىلى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن. خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن تىبەتلەر ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 6 – ئايدا شۋېيتسارىيىدە ئۇچراشقان ئىدى. (ئەركىن)