2005.10.31

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 10 – ‎ئاينىڭ 4- ‎كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە ياۋروپادىكى گوللاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسارىيە، ‎شۋېتسىيە، ‎ليۇكسېمبورگ ۋە بېلگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ‎دائىرىلىرى، پارلامېنت ئازالىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىر ‎قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ‎

رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز مۇخبىرى ئەركىننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ‎ئۆزىنىڭ ياۋروپا سەپىرى توغرىسىدا توختالدى.‎