2005.10.21
خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىدىكى داڭلىق دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى جۈمە كۈنى ئۇلار تىزىمغا ئالغان خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئولى جون كام، بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبىدا بۇنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش نويابىردا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ داڭلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش دىپلوماتىيىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ «ياخشى» نىيىتىنى ئىپادىلەيتتى. ئەمما خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى جىيا زېمىن دەۋرىدىكى بۇ سىياسىي مەھبۇس دىپلوماتىيىسىدىن ۋاز كېچىش تەرىپىنى ئالماقتا ئىكەن.
بولۇپمۇ، بۇ يىل 3 – ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىسنىڭ زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي رابىيە قادىر خانىمنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنى ئامېرىكىغا يولغا سالغان ھەمدە ئۇنىڭ باشقا خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە ئوخشاش تىنجىپ كېتىشىنى ئويلىغان.
جون كىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇس دىپلوماتىيىسىدىن ۋاز كېچىش خائىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)