2005.10.21

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 21- كۈنى، يەنى بېلگىيىدىكى پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بريۇسسېلدا بېلگىيە دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى رەئىسى لىزېن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

رابىيە قادىر خانىم كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسى پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ۋە ئاشكارە قىلىشقا بولمايدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلاشقان.

رابىيە قادىر خانىم بېلگىيە دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيىدىكى بىر شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.