2005.10.19

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىنى زورايتتى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە رابىيە قادىر خانىمغا باغلانغان تەكلىپ لايىھىلەر ۋە رىئاللىقلار بارلىققا كەلدى.
رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ 4 – بېكىتى بولغان نورۋىگىيە زىيارىتىدىن كېيىن، نورۋىگىيىنىنغ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بېرگېن شەھىرى كۇتۇپخانىسى 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشى ۋە ئارىيەت ئېلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۇتۇپخانىغا قويدى.
بېرگېن شەھىرىدىكى بۇ كۈتۈپخانا 1917-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نورۋىگىيىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كۈتۈپخانىلارنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ قېتىم قويغا كىتابلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرلار قارىخانىلار»، «ئانا يۇرت»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلاردىن باشقا يەنە «گۈلىستان» قاتارلىق ئەدەبىي كىتابلارمۇ قويۇلغان.
بېرگەن شەھىرى نورۋىگىيىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم مۇشۇ شەھەردە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ كىتابخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئابدۇكېرىمرىم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ كۇتۇپخانىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.