2005.10.19

مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «چەتەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى» تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىندا رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمىتى مەركىزى مالايشىياغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىپتاغا چاقىرىش باھانىسى بىلەن، ئۇلار بىلەن يېقىندىن سۆھبەتتە بولغان ۋە ھەممە جەرياننى سىنالغۇغا ئالغان.

مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ۋاڭ خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق مالايشىيا زىيارىتى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز مېھرىبان ۋاڭ خانىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.