2005.10.18

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 19 چەتئەل پۇقراسىنى » تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقان.

رويتىرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن » بىز بۇ يىل چەتئەلدىن شىنجاڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن 19 كىشىنى قولغا ئالدۇق. ئۇلار شىنجاڭ زېمىنىغا كىرىپ بولغىچە، ئۇلارنى دەرھال تۇتتۇق» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇ تۇتۇلغانلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە مىللىتىنى ئاشكارىلىمىغان.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى خالايدىغان مۇستەقىلچىلەرنى «تېررورچىلار» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قارشى تىنىمسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەھۋالى ۋە كورلىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

ۋاڭ لېچۈئەن، رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ خىتايدىكى قەرزىنى تۈگەتمىگىچە، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىگە ھېچقانداق دەخلىي- تەرۇز يەتكۈزمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دائىرىلىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن شۇنداقلا كورلىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ يېقىندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى تۈنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى. ئۇ، مۇتەللىپ دىلوسىنىڭ تېخى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ، ئايالىنىڭ پارىخورلىقىغا چېتىلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

كورلىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپ بۇ يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئىدى. (ئارزۇ)