2005.10.18

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 18-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ بەشىنچى بېكىتى بولغان شۋېيتسارىيىگە يېتىپ كېلىپ، پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ يەردە شۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن سوھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى، پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى، سىياسىي مەھبۇس مەسىلىسى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنى مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستانغان تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ شۋېيتسارىيىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.