2005.10.18
مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «چەتەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى» تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتى، ئۆزى ئالاقىلىشىپ ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ناچار ئىكەن.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمىتى مەركىزى مالايشىياغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىپتاغا چاقىرىش باھانىسى بىلەن، ئۇلار بىلەن يېقىندىن سۆھبەتتە بولغان ۋە جەرياننى سىنالغۇكغا ئالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.