2005.10.17
رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدە رافتو فوندى جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رافتو ئەپەندىنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، 17-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئوسلوغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوسلو شەھىرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. چۈشتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خېلسىنكى كومىتېتى ۋە تېبەت كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق ئىلمىي يىغىنىدا دوكلات بەردى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.