2005.10.17
مالايشىيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ «چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى» تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتى، ئۆزى ئالاقىلىشىپ ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ناچار ئىكەن.
يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر مالايشىيادا تۇرۇشلۇق بىر ئوقۇتقۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمىتى مەركىزى مالايشىياغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىپتاغا چاقىرىش باھانىسى بىلەن، ئۇلار بىلەن يېقىندىن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ۋە ھەممە جەرياننى سىنئالغۇكغا ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەقەغە بولغان كۆز – قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.