2005.10.16
15-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرگېن شۆبىسىنىڭ شۇنداقلا نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي قىسىم بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا رابىيە قادىر ۋە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم رەھبەرلەر سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ نورۋىگىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىمنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن تاييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.