2005.10.07
2005 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ب د ت نىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەل بارادەيگە بېرىلدى. نوبېل مۇكاپات جەمئىيىتى باياناتىدا ئەل بارادەينى » يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنى كۈچەيتىشكە دادىللىق بىلەن باتۇرلارچە يىتەكچىلىك قىلدى،» دەپ تەرىپلىگەن.
ئەل بارادەي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئىپتىخارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، » مېنىڭچە بۇ مۇكاپات بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر – يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىش تەھدىتى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى،» دەيدۇ.
بارادەي، ۋىنادا مۇخبىرلارغا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىغا يېڭى كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، » مەزكۇر ئورگان ئىران ۋە شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىلھامغا مۇھتاج ئىدى » دەپ كۆرسەتتى.
بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا جەمئىي 199 كىشى نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، تىزىملىكتىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىدى. ئۇ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامدا مۇكاپاتنىڭ ئەل بارادەيغا بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. رابىيە قادىر، «مەن مەيۈسلەنمەيمەن، چۈنكى ئاتوم ئۈچۈن مۇكاپات بېرىش پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،» دەيدۇ. (ئەركىن)