2005.09.23
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشكە چاقىرىپ «ئامېرىكا خەلقىنىڭ يارىدىمىگە مېنىڭ خەلقىم مۇختاج، مەن ھەم مۇختاج» دېدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆزنى جونىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر يىغىلىشتا سۆزلىدى. يىغىلىشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ت كۇمار، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، جونىس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات شۆبىسىنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
جوڭگو دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشى كېرەك
رابىيە قادىر خانىم نۇتۇقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە مەلۇمات بەردى.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق، بولمىسا، ئائىلە- تاۋاباتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش يولىدا تىرىشچانلىقىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خەلقىم چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگو دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشى كېرەك.
جوڭگو ھۆكۈمىتى چوقۇم دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشى كېرەك. شۇ چاغدا مېنىڭ خەلقىمنىڭ تەقدىرىمۇ ھەل بولىدۇ».
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلار بىزگە ياردەم قىلىشى كېرەك
رابىيە قادىر خانىم يەنە، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى يېقىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ دەپسەندە بولىۋاتقانلىقىغا ئۇلار ياردەم قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇلار ھەر جەھەتتىن تەلەپ قويۇشى كېرەك ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قېچىپ چىققان قېرىنداشلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك»، دېدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 3 – ئايدا ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا يىتىپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئامېرىكىدىكى يولدىشىغا گېزىت ئەۋەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە رابىيە قادىر خانىم مۇددەتتىن ئىككى يىل ئاۋۋال قويۇپ بېرىلدى.
رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى سۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى:
بىز تىبەتلەر بىلەن تەقدىرداش
دالاي لامانىڭ تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، زۆرۆر بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۇ رولنى ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «تىبەتلەر بىلەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوخشاش.
تەقدىرىمىزمۇ ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلار بىلەن چوقۇم ھەمكارلىشىمىز. ئۇلارنىڭ ئارزۇيى بىزنىڭ ئارزۇيىمىز» دېدى.
دالاي لامانىڭ تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، خەلقنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەندە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردۈرۈپ، «ئەگەر خەلقىمنىڭ دەۋاسى شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولسا مەن ئۆزەمنى شۇنداق دەپ قارايمەن» دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئارزۇ)