2005.09.21

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەللەر بىلەن ئىقتىسادى، سودا ۋە سىياسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېز كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى چاقىرغان » توسالغۇلار ۋە پۇرسەتلەر – خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارلىز شاپىرو، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى تەسىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېز ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شاپىرونىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئىكەن. شاپىرو «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتى ئىككى خىل يۈزلىنىشكە ئىگە. بىرى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، يەنە بىرى سىياسى تەسىرىنى كۈچەيتىش،» دەپ كۆرسەتتى. ئەمما شاپىرو، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قىتئەدىكى ئەنئەنىۋى تەسىر كۈچىگە تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە بارمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «بىزنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەھكەم ۋە مۇقىم مۇناسىۋىتىمىز بار. بۇ مۇناسىۋەتلەر قىممەت قارشى جەھەتتىكى ئورتاقلىقىمىز شۇنداقلا ئىقتىسادى ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى مۇناسۋىتىمىزگە تايانغان،» دەيدۇ.

خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پىلانىغا دىققەت قىلىش كېرەك

خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىب رايونىدىكى دۆلەتلەردە سالغان مەبلىغى 8 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇنى ئامېرىكىنىڭ بۇ قىتئەدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان 445 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجىمى ۋە بۇ رايوندىكى 300 مىليارد دوللارلىق مەبلىقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز.

ئەمما ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى روجىر پاردو موۋرېر، خىتاي قىسقا ئارىدا ئامېرىكىن

ىڭ لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە تەھدىت سالالمايدۇ. ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى ۋە ھەرىكىتىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، دېدى. پاردو ماۋرېر يەنە » ھازىرقى ئەھۋالدا بىز خىتاينى بۇ رايوندا ئامېرىكىغا تەھدىت سالىدۇ، دەپ قارىمايمىز، دەيدۇ.

ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىر قىلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك

ماۋرېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئۇزۇن – مۇددەتلىك ھەربىي بازا قۇرۇش ياكى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش نىيىتى بارلىقىنى بايقىمىغان. ئەمما ئۇ خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، » بىز خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھەربىي ئاخبارات، ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت ئۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچىگە پەۋقۇلاددە دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر،» دېدى.

ئىسپات بېرىش يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى ۋە كارايىب دېڭىزى رايونىدىكى ئىقتىسادى ۋە سودا پائالىيىتى، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىجابىي رول ئويناپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كۇبا، ۋېنىزۇلاغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە يار – يۆلەك بولۇش ھەرىكىتى، لاتىن ئامېرىكىسىدا دىموكراتىيە تۈزۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. يىغىندا گۇۋالىق بەرگۈچىلەر، ئامېرىكا خىتاينى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىب رايونىدا ئىجابىي رول ئويناشقا قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)