2005.09.19
بىز يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەرنى بېرىپ كەلگەن ئىدۇق. شۇنداقلا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، بۇ مەزگىلدە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 16 – سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 7 – ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 100 كۈنلۈك مەخسۇس تۈردە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
يىغىندا يەنە، بۇ 100 كۈنلۈك ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ھەر قانداق خىلدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا نۆۋەتتىكى يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش ھەمدە تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن قورال-ياراق ۋە پارتلاتقۇچ بويۇملارنى بارلىق كۈچ بىلەن كونترول قىلىش ۋە مۇسادىرە قىلىشمۇ بۇ ھەرىكەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولغان.
ج خ ئىدارىسى، ئابدۇللا قادىر توغرىسىدا تۇنجى قېتىم خەۋەر بەردى
ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئۆتكەن ئاي ئاشكارىلىغان ئابدۇللا قۇرباننىڭ دېلوسىنى ئېلان قىلدى. بۇ، ج خ ئىدارىلىرىنىڭ مەزكۇر دېلو ھەققىدە تۇنجى قېتىم خەۋەر بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ لېچۈئەن ئۆتكەن ئاي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرنىڭ باشقا بىر تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن بۇ دېلونى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى. ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان ئابدۇللا قۇربان 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاقسۇدا، ساقچىلار ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭ باشقا ئەگەشكۈچىلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ج خ ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پەقەت ئابدۇللا قۇرباننىڭ توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ھايات- ماماتى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن.
توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدىكى ساقچىخانا خادىمى بۇ خەۋەرنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. بۇ خادىم سۆزىدە يەنە، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن بۇيرۇق بويىچە، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىغىچە قاتلاممۇ- قاتلام ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆپ قىسىم جايلاردىكى دېلو پاش قىلىش ئۈنۈمى 100٪ بولدى
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە، ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان 100 كۈنلۈك زەربە
بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى شەرھىلەپ، 7 -ئايدىن 8 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە جىنايى ئىشلار دىلولىرىنىڭ روشەن ئازايغانلىقىنى ھەمدە بۇ قىسقىغىچە 2 ئاي ئىچىدە 7 مىڭدىن ئوشۇق دېلونى پاش قىلىپ، سانجى، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى دېلو پاش قىلىش ئۈنۈمىنى 100٪ كە يەتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چىڭ تۇتىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، بۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەرىكەتتىن تىبەتمۇ خالى قالمىدى
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا، تىبەتتىمۇ بۇ خىلدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مۇقىملىقنى ساقلاش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – سېنتەبىر تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ھارپىسىدا ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىدە تىبەت راھىبى سونامنى قولغان ئالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان ھەمدە بۇ تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنى سونامنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.(پەرىدە)