2005.09.16
رابىيە قادىر خانىم نيو-يوركتا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىشقا قاتناشتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى نيو-يورك شەھىرىگە جەم بولۇپ، خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى.
يىغىندا ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ب د ت دا ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ھەمدە تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ۋە دۇنيا مىقياسىدا كەمبەغەلچىلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە توختالدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ نيو-يوركقا يېتىپ كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت بىناسى ئالدىدا 15-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى. ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرى خۇ جىنتاۋغا قارشى نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ب د ت غا ئەزا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز زېمىنى، ئۆز مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سالاھىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزارا دىئالوگىغا ھەمدە مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزى بوياشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىد سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشتى. تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىدا بۇ نارازىلىقلار ئىپادە قىلىندى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى
ئاتاقلىق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 8-سېنتەبىر كۈنى رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى سوراققا تارتىپ، قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى شۇنىڭدەك باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە بايان قىلىنغان.
رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
رابىيە قادىر خانىم 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ ، يەنە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ۋە تەنە جازاسى بېرىشنى توختىتىش، تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش، مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى قويۇۋېتىش قاتارلىق 11 تۈرلۈك مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم7-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ مەسۇللىرى ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
رابىيە قادىر خانىم ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىغا جاۋاب بەردى
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان «مەملىكەتكە نەزەر ژۇرنىلى» نىڭ تور بېتىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى » تېررورىست» دەپ ئەيىبلىشىگە قايتا رەددىيە بەردى. ئۇ ماقالىسىدە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىنى «تېررورلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى» دېگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېررورلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز سىياسىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتكەن.
كانادادىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
خۇ جىنتاۋ نىيورككە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى كانادادا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا تۇشمۇ-تۇشتىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا دۇچ كەلدى. 10-سېنتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلەر ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىشتا تورونتو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىكەن.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 1-ئۆكتەبىرنى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمىيىتىنىڭ مەركىزىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى قىلىش ھەققىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى يوقاتقان ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزدى
تۈركىيىنىڭ ئاماتسىيە ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 11-سېنتەبىر كۈنى 8-نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە پۇقرالاردىن بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى گېنېرال رىزا بېكىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن تەبرىكلەش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ئاماتسىيە ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە كۆڭۈل بۆلۈش روھىنى مەدھىيىلىدى. ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار 13-14-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاناتولىيىدىكى مەزكۇر جايغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار 700 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشقا سېلىندى
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي-ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر تۇتاش پاختا تېرىشقا ئەمگىگىكىگە سېلىندى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئەمگەككە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز رايونى ئەتراپىدىكى پاختا بازىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ، كۈندىلىك ۋەزىپە ئاستىدا پاختا تېرىشقا سېلىنماقتا.
بۇش نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى قايتا قۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پەيشەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، كاتىرىنا ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوننى قايتا قۇرۇدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ۋە باشقىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)