2005.09.14
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان » مەملىكەتكە نەزەر ژورنىلى» نىڭ تور بېتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى » تېررورىست» دەپ ئەيىبلىشىگە قايتا رەددىيە بەردى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن بېيجىڭدا بەرگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىمنى » تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: » خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى تېررورىست دەۋاتىدۇ…. دۇنيانى ئۆزىنىڭ توقۇغان سەپسەتىلىرىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇنىۋاتىدۇ… خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا دالاي لامانىمۇ تېررورىست دەپ ئاتىغان. ئىشىنىمەنكى، مەن ئۇلار تېررورىست دەپ ئەيىبلىگەن ئاخىرقى كىشى ئەمەس» .
رابىيە خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن:» مەن خىتاي ھۆكۈمىتى ياش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرگەندە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنى كۆيدۈرگەندە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى » تېررورىست» دەپ ئۆلتۈرگەندە ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەردىن قاتتىق چۆچۈدۈم» .
رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا بېرىدىغان نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەققانىي سۆز قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)