2005.09.08

«ۋال ستىرېت ژورنىلى» گېزىتى ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان دۇنياۋى گېزىتلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوپ مەزكۇر گېزىتنىڭ 8 – سېنتەبىردىكى سانىدا «تىنچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېررورچى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «خىتاي ئاخىرقى قېتىم تېررورچى، دەپ جاكارلىغان زات ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش، مىنا كۆمۈش، ئايروپىلان بۇلاش ياكى بىرەر زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئارىلاشقان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ خەتەرنىڭ دۇنيادىكى ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلات بىلەن ياكى تېررورىزمنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىرەر ئىدېئولوگىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ زات تېررورىزمنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىغان ئىدى،» دەپ باشلايدۇ.

خىتايلار تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم تېررورچى، دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ زات كىم ؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئالىم سېيتوف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.