2005.09.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى چەتئەلدە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى ۋە رابىيە قادىرنىڭ خىتايغا 50 مىليون يۈئەن قەرزدار ئىكەنلىكىنى، رابىيە قادىرنىڭ ئەقىدە سودا شىركىتىنىڭ 1994-يىلدىن 2004-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە 7 مىليون 180 مىڭ يۈئەن باج ئوغرىلىغانلقىئىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.