2005.09.02

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاڭ لېچۈەن رابىيە قادىر خانىمنى چەتئەلدىكى ئاتالمىش تېررورچىلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋاڭلېچۈئەننىڭ بۇ بىلدۈرۈشى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل بىلدۈرۈشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىرنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان رابىيە قادىر خانىممۇ ۋاڭ لېچۈەنگە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ھەقىقى تېررورچى دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق باج ئوغرىلىرى بولۇش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ قېنىنى شوراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي باج ئىشلىرى دائىرىلىرى يەنە «ئەقىدە» شىركىتىنىڭ باج ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رابىيە قادىرغا تەۋە بۇ شىركەتتىن مەسىلە ئىزدەپ تېپىشقا ئۇرۇنغان. باشقا ئېنىق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يەنە ئۈرۈمچىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى ۋە ئەقىدە شىركىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن نەنگۈئەن ساقچىخانىسى تەركىبىدە » رابىيە قادىر ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نەنگۈئەن ساقچىخانىسى ئەمەلىيەتتە باشتىن –ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە قامال قىلىدىغان ئاشكارا ۋە مەخپىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر ئائىلىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە قادىرنى باج ئوغرىلىغان دەپ ئەيىبلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ باشتىن تارتىپ باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ قېتىمقى بىلدۈرۈشى ۋە رابىيە قادىرغا قىلىنغان تۆھمەت ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون 8-سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە بولىدۇ

ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون 8-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 9-سېنتەبىر كۈنى خائۇلىڭ خەلقئارا كۆرزگەزمە مەركىزىدە» خىتاينىڭ غەربىي رايونى خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالىي يىغىنى»غا ئىشتىراك قىلىپ، » يىپەك يولى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى بىرلىكى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر بۇ سەپەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەرب-شەرق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى باش قىسىمىنىڭ ئالاھىدە ئەترىتى سەيشەنبە كۈنى تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى «ساقچى قوشۇنلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردا ئاتالمىش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورچىلارنى پەرەزدىكى دۈشمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەلۇم تۈرمىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى ۋە بىنادىكى كىشلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىنى تارمار قىلىشى قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك قامال قىلىش، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار مۇراسىم جەريانىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئېغىر ۋەقەلەر

» كاتىرىنا» دەپ ئاتالغان دېڭىز دولقۇنى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن مىسسىسسىپپى شتاتىدا ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كېلىپ چىقتى. قۇدرەتلىك قۇيۇن يەنە ئامېرىكىنىڭ لۇيزانا، ئالاباما شىتاتلىرىغىمۇ كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى زور پاجىئەلىك تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باغدادتا مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارالغاندىن كېيىن ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى باغداتتىكى بىر كۆۋرۈكتە شىئە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئالاقزادىلىك يۈز بېرىپ، قىستا-قىستاڭچىلىقتا 1000 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

ب د ت كىشىلك ھوقۇق كومىسسارى خىتاي بىلەن ئىسلاھات كېلىشىمى تۈزدى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى بىلەن» خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»غا ئاساسەن خىتاي قانۇن سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى. بۇ كېلىشىم بويىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ تۈرمە جازاسى ئورنىغا باشقىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىش، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئادۋوكاتلار قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن –بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدىكەن. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەرسى تەسىس قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش ۋە باشقىلا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن.

خىتاي بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىگە ئەسلىدە بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى قول قويغان ئىدى .ئەمما ئۇ، ھازىرغىچە ئۆزى قول قويغان بۇ ئەھدىنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي كەلگەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)