2005.08.31

كانادادا ياشاۋاتقان دىنىي زات ھۈسەنجان قارىم ۋە ئەينى چاغدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان رامىلە خانىم ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچەننىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئاتىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.