2005.08.30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي مەركىزى سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ۋاڭ لېچۈەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەخپىي پىلانلارنى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ۋاڭ لېچۈەن يەنە «ئۈچ خىل كۈچ» نى ئىزاھلىغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ خىتاي جازا قانۇنىدا جىنايەتچى دەپ جازالىنىدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن نېمە؟ ھەقىقەتەن ۋاڭ لېچۈەن ئېيتقاندەك، «ئۈچ خىل كۈچ» دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە جازالىنامدۇ؟ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئادۋوكات تانەر قىلىچ ۋە ياۋرو -ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟