2005.08.29
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 5 -سېنتەبىردىن 17 – سېنتەبىرگىچە ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىنى زىيارەت قىلماقچى. شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىدە يەنە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 60 – قېتىملىق ئالىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئاۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس خانىم بۇ يىل -3 ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرى ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى تۈرمىدىن بوشىتىپ، ئۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىدىن بۇرۇنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن. گەرچە ھازىر خۇنىڭ سەپىرىگە ئاز ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا شەپە كۆرۈلمىدى.
نامايىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ
خۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، نۆۋەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە فالۇن دافا تەشكىلاتى بىرلىكتە 7 – سېنتەبىر كۈنى يەنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدىغان كۈنى، ئاق ساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى باشلىقى ت. كۇمار، بۇ قېتىملىق نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
» بىزنىڭ خىتايغا ئائىت ئەندىشە قىلىدىغان بىر قانچە تېمىلىرىمىز بار. لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى بىز بۇ قېتىم بۇش ھۆكۈمىتىنى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېنىق بىر ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشكە ئۈندەيمىز. شۇڭا بىز بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن ئوبدان پايدىلىنىپ، خۇ جىنتاۋغا ھەممە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىسىمۇ، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلەشكە چاقىردى
ت. كۇمار سۆزىدە يەنە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇدىن، ئامېرىكىدىكى ياكى خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ، خىتايلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان تىبەتلەرنىڭ بەنچەن لاماسىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ بۇ قېتىم يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش ۋە دىنىي كونتروللۇق مەسىلىلىرىنىمۇ تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇندفاق دېدى:
«ئوچۇقكى يەنە بىرسى شىنجاڭ مەسىلىسى. شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە بۇ يەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكىتلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فالۇنگوڭچىلارنىڭ ۋەزىيىتى، دىنىي باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىمىز».
ت. كۇمار ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم مەزكۇر تەلەپلەرنى خۇ جىنتاۋغا ئەمەس، بەلكى بۇشقا سۇنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇشتىن خۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ لېچۈئەننىڭ رابىيەگە چاپلىغان تۆھمەتلىرى ئاقلىنىشى كېرەك
بۇ نامايىشقا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر بىرلەشمە تەتقىقاتچىسى بېن كارلوس رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىغىدىن تولىمۇ غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
» ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. شۇڭا بىز ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تىنچ يولدا ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
بېن كارلوس يەنە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، بولۇپمۇ يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئۈستىدىن چىقارغان تۆھمەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ سەپەر خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن بىر چوڭ دىپلوماتىيە سىنىقى
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سەپىرى، ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى ئامېرىكىغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر چوڭ دېپلوماتىيە سىنىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا خۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ، ئۇنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. چۈنكى نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى، ئىقتىسادىي ماجىرا ، تەيۋەن، ئېنېرگىيە ۋە ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر، خۇ جىنتاۋنى پارتىيە خىزمەتلىرىگە ماھىر ھەمدە دۆلەت ئىچى سىياسىتىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما دېپلوماتىيە تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، خۇ جىنتاۋ ئەگەر بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ياخشى تەسىر قالدۇرالىسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى سىياسىي ھوقۇقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدىكەن. (پەرىدە)