2005.08.26

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ياكى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى كىشىلەرگە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش پائالىيىتى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىلى ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۆلگۈنچى»، «قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان» ۋە » تېررورچى» دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلىشقا باشلىدى.

تېخى پەيشەنبە كۈنىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كەلگەن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللا قۇربان باشچىلىغىدىكى بىر گۇرۇپپىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئابدۇللا قۇرباننى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما بۇ خەۋەر بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ھېچقانداق مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ باقمىغان ئىدى.

ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇللا قۇربان ئىسىملىك بۇ كىشى ئاقسۇدىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ تەشكىلاتقا 4-5 يىلنىڭ ئالدىدىلا كۆز تاشلىغان، شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرى 2000 – يىلى 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كۇچادا بۇ تەشكىلات تۇرۇشلۇق جايغا بېسىپ كىرىپ، ئابدۇللا قۇرباننى تۇتۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇللا ساقچىلار بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خىتاي باشلىقى چېڭ پىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

ۋاڭ يەنە، ئابدۇللا قۇرباننىڭ ئۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ باشقا ھەمراھلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇندىن بۇيان ئابدۇللا قۇرباننى تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۇنىڭ تېخىچە ئاقسۇدا ئىكەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۇ تۇرۇشلۇق جايغا باستۇرۇپ كىرگەن.

ۋاڭ لېچۈئەن سۆزىدە يەنە، ئابدۇللا قۇرباننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن، ئۆز قول ئاستىدىكى ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ساقچىلارغا قاراپ ئوق چىقارغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ساقچىلارنىڭ ئاخىرى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ھازىر ئابدۇللا قۇرباننىڭ 10 غا يېقىن ئەگەشكۈچىلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ. (پەرىدە)