2005.08.26
تۈركىيىدىكى «رادىكال گېزىتى» 26-ئاۋگۇست كۈنى «خىتاي ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى» ماۋزۇلۇق تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى. تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.