2005.08.25
8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچسى رابىيە قادىرنى چەتئەلدە تېررولۇق تەشكىلاتلارغا ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى.
ۋاڭ لې چۈەن رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، » 3 خىل كۈچلەر» نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورچىلار بىلەن مەخپىي پىلانلارنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ، بولۇپمۇ گېرمانىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنى جەريانىدا، كېچىچە پاراڭلىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى .
ۋاڭ لېچۈئەن شۇنداقلا، رابىيە قادىرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە 50 مىليون يۈەن قەرزدار ئىكەنلىكىنى ھەمدە رابىيە قادىرنىڭ ئەقىدە شىركىتى 1994 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچەجەمئىي 7 مىليون 180 مىڭ يۈەن باج ئوغرىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ۋاڭ لېچۋەننىڭ باياناتى توغرىسىدا رابىيە قادىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .