2005.08.23
ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ كېلەر ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئۇيغۇرلارنىڭ كلىنتوننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە كلىنتوننى تەكلىپ قىلغان خۇئالىڭ شىركىتى بىلەن رابىيە قادىرنىڭ ئەقىدە شىركىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.