2005.08.12
ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
ئۇيغۇر ئېلىدە 6-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى، سانجى ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلار كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچراپ، 200 مىڭدىن كۆپ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى.
خىتاي خەۋەر تورلىرى كەلكۈندە ئاز دېگەندە يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يەنە تۇرپان، سانجى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى قاتناش ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ توقسۇن-تۇرپان ئويمانلىقى رايونىدا 50 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئېغىر ھادىسە ئىكەن.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلماقچى
ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى مىندى لارمۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن ھەمدە ئۇ جايدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.
ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى كوم پارتىيە ئۆزى تەربىيىلىگەن ئىماملارنى ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشى، ئالدىن-ئالا تەييارلىغان مەسچىتلەر ۋە جامائەت سورۇنلىرىنى ئۇلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆزىنى بويىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكتە
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەزكۇر بازىدىكى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىدىن نۇرغۇن جەھەتتىن پەرقلىنىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئادۋوكاتلىرى ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشقا تىرىشماقتا. بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى سىبىن ۋېللىت ئەپەندى ئادىل ھېكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلى قۇش زۇكىمىنىڭ قورشاۋىدا قالدى
يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان سىبىرىيە رايونىدا قۇش زۇكىمى بايقالغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتىدە قازاقىستاندىمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ سېزىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، يەنە تىبەتتىمۇ قۇش زۇكىمى بايقىلىپ، نۇرغۇن ساندىكى توخۇ ۋە بەزى ئۆي قۇشلىرى ئولتۈرىۋېتىلگەن. قۇش زۇكىمى نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى خەتەرلىك تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
خەلقارالىق تەشكىلاتلار ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلدى
8-ئاۋغۇست كۈنى خەلقارالىق چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلى خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش شىتابىغا بېرىپ، 4000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان مۇراجەتنامىنى تاپشۇردى. بۇ مۇراجەتنامىدە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەلقارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى» دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى قامايدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمە» دەپ ئاتىغان.
يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
8-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىسى مەرھۇم يۈسۈپبەك مۇخلىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرلىنىپ نەزىر بېرىلدى. يۈسۈپبەك مۇخلىسى 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەمدە 80-يىللاردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇ يەنە تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن 50-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىئانە توپلاش پائالىيىتى باشلىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكەن ھەپتىدە گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت بىناسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي دەۋانى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەرلىك قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى خوشلىشىش يىغىنى ئاچتى
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئامېرىكا باش ئەلچىسى ستىۋېن ياڭ بىشكەكتىن ئايرىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن خوشلىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئەسقەر ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىدە ئامېرىكىنىڭ قولى يوقلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ،» قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ ئەركىن ۋە ئەڭ ئادالەتلىك بىر سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە ياراتتى» دېگەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئەسقەر ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە قىرغىزىستان بىلەن پۈتۈشكەن بولۇپ، ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىدىكى بىر قىسىم ئايروپلانلىرى ۋە ھەربىي ئەشيالىرىنى قىرغىزىستاندىكى بازىغا يۆتكەشنى قارار قىلغان.(ئۈمىدۋار)