2005.08.12
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 19 – ئاۋغۇستتىن 21 – ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولىدۇ. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ۋەكىللىرى زىيارەت ھارپىسىدا، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات ئالدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەزكۇر كومىتېت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.