2005.08.09
3-ئاۋغۇست كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمىنى 91 يېشىدا قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

مەرھۇم ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى ھاياتىدا كۆپ قېتىم تۈركىيىگە كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يىغىنلارغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۈركىيىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ مۆھتەرەم زات بىلەن كۆرۈشۈش ۋە مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

ئەنە شۇ كىشىلەردىن بىرى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن ھەزرەت ئەپەندى بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ مەرھۇم ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ سىياسى ئەخلاقىنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، مەرھۇم ئابدۇرەئۇف مەخسۇمنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.