2005.08.08
باش شىتابى لوندوندىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار باياناتتا يەنە، «بېيجىڭ ئولىمپىككە ئىلتىماس سۇنۇش كومىتېتى» نىڭ 2001 – يىلى ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىپخان بولۇشنى تالىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئەگەر ئولىمپىك يىغىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىشىغا كۆپ ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا، يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي، دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ مەزكۇر باياناتىنى تەييارلىغۇچى رېنا باربارا فرانسىس بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بارغانسېرى ياخشىلاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەپسۇسلىنارلىقى، 2001 – يىلىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى خىتايدا تېخىمۇ كۆپ مۇخبىرلار ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىندى. مانا خىتايدا ھازىر 64 نەپەر مۇخبىر تۈرمىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىغا بولغان كونتروللىقىمۇ بارغانسېرى چىڭىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مۇخبىر شى تاۋنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە «جەنۇبىي پايتەخت گېزىتى» نىڭ بىر خىزمەتچىسىگە كېسىم بېرىلىشىگە ئوخشاش نۇرغۇن مىساللار بار. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىدە قىلچىلىك تۇرمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ».
بېيجىڭدىكى دېھقانلار ئولىمپىك سەۋەبىدىن يەرلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلماقتا
«ئەپسۇسلىنارلىقى، 2001 – يىلىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى خىتايدا تېخىمۇ كۆپ مۇخبىرلار ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىندى. مانا خىتايدا ھازىر 64 نەپەر مۇخبىر تۈرمىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىغا بولغان كونتروللىقىمۇ بارغانسېرى چىڭىيىۋاتىدۇ.
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» باياناتىدا يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىككە چېتىشلىقى بولغان بەزى ئىشلاردىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن سىرت، باش شىتابى نيۇ-يوركتىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى»مۇ ئولىمپىككە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ليۇ چىڭ، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا تامامەن قوشۇلۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«تېخى يېقىندىلا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلار رايونىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك مەيدانى سېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ۋە زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش ۋەقەسى كۆرۈلدى. ھەتتا نارازى بولغان بەزى كىشىلەر ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. مانا بۇ كىشىلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا ھەتتا بىۋاستە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىدى».
ليۇ چىڭ يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قىلغان- ئەتكەنلىرى ئۈستىدىن قاتتىق نازارەت ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«گەرچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق كونكرېت تەلەپ ۋە مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئەكسىچە، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىر تەنھەرىكەت پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باغلىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ دەل مۇشۇنداق قەتئىي بولمىغان پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىدى، ھەتتا ھازىر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا قوراللىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ».
رېنا: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا قىلغان بېسىمى يېتەرلىك ئەمەس.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىلگىرى بېيجىڭغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ، بۇ ھوقۇقنى بېرىش قارارىنى چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى رېنا باربارا فرەنسىسمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئىشلەتكەن بېسىمىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىدە ئوچۇق قىلىپ ‘ئولىمپىك روھى، ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇئ دەپ يېزىلغان. بۇ ئوچۇقكى، ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش، ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلغۇچى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق. كىمىكى ئەگەر ئولىمپىك روھىنى تەرغىپ قىلىشنى خالايدىكەن، ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قايرىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئولىمپىكتىن بۇرۇن خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش كېرەك
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» يەنە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە، 2008 – يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئەمەلىي ۋە ئاكتىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى كونكرېت تۈرلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. بۇ تۈرلەر بولسا، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، ئەدلىيە سېستىمىسىدا دەرھال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، دۆلەت پۇقرالىرىغا سۆز ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى بېرىش ھەمدە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلار. (پەرىدە)