2005.08.03
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايمۇ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى» دەپ بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، «خىتايمۇ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى. ئاز بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانچىلار ‘شىنجاڭئ نى خىتايدىن ئايرىش مەقسىتىدە، خىتاي چېگرىسى ئىچىدە تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن گۇناھسىز خەلقنىڭ ئۆلۈشى ۋە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىشىنى شۇنداقلا زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ بىلدۈرگەن.
باش شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاينىڭ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى. (پەرىدە)