2005.08.01
يېقىندا بىز، مالايشىياغا ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ «چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى» تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ۋە شەخسىي يوللار ئارقىلىق ئۆزى مەكتەپ ئالاقىلىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئىدۇق.

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ مالايشىيا ۋە سېپرۇس قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، مۇخبىرىمىز مېھرىبان رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سورىدى.