2005.07.26
15-17- ئىيۇلدا گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇراجەتنامە ئېلان قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن مۇراجىتىدا دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيى مەسۇللىرى بولسا، يىغىلغان ئىقتىساتنى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.