2005.07.22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ توي مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئاتاقلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ تويغا قاتنىشىشى، ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تويدا بولالمىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان قىز – يىگىتنىڭ كۆڭلىنى توق قىلدى. قىز يىگىت ۋە تويغا قاتنىشىشقا كەلگەن مېھمانلار ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھېسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.