2005.07.22
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى نەتىجىلىك تاماملاندى.
رابىيە خانىم ميۇنخېندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر داۋاسى توغرىسىدىكى بىر قاتار لايىھىلەرنى تۈزۈش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاتتى ھەمدە يەنە گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا، رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بارباخ ۋە دېيىر ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدىكى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا ئېيتقانلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئاڭلاتقان ئىدۇق . بۇ پروگراممىمىزدا سىلەر، رابىيە خانىمنىڭ ئىككى قېتىملىق ياۋرۇپا زىيارىتى داۋامىدا ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئاڭلايسىلەر .