2005.07.21
گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، 19 – ئىيۇل گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى بارباخ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى دېير ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى زاتلار، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا گېرمانىيىدىن سىياسى پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇر ئايالنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن شۇنداقلا بۇ يىل 5 – ئايدا ئىككى ئەمەلدارىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە» ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە مۇساپىرلارنى جىددى ئەندىشىگە سالغان. تەشكىلاتلار خىتايغا قايتۇرۇلغان مۇساپىر ئايالنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
شۇ كۈنى ئاخشىمى رابىيە قادىر ميۇنخېندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئەتىسى ئۇ، ميۇنخېندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. (ئەركىن)