2005.07.20
ئاتاقلىق كىشىلىك پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيە بارغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە سەپىرىنىڭ مەقسىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ داھىيسى دەپ قارار ئالغانلىقىغا بولغان قارىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى دەۋاسىغا بولغان ئۈمىد ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.