15-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنى 17-ئىيۇل غەلىبىلىك ئاياقلاشقان بولۇپ، يىغىندا د ئۇ ق نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇزاكىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.