2005.07.18
15-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ 17-ئىيۇل غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.

يىغىن ئەھلى قۇرۇلتاي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بىر يىللقى خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسىدىكى پىلان لايىھىلەر ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك دوكلاتىدىن كېيىن ئىجرائىيە، باش كاتىپلىق، فوند ۋە تەپتىش دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

يىغىندا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى خىزمەت پىلانى، مالىيە باشقۇرۇش چارە –تەدبىرلىرى، تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىر قاتار قارارلار ئېلىندى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.