2005.07.15
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېرىۋاتقان خەۋەرلىرىدە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە تارىختىن بۇيان ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان يىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭمۇ بىر قەدەر كۆپىيىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار قانچىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن؟ شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىدە قانداق تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ پېشقەدەم مائارىپچى ۋە ئوبزورچى سىدىق ھاجى ئەپەندى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟