2005.07.14
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 14 – ئىيۇل كۈنى 2005 – يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى 3 نەپەر ئافغانىستانلىق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىگە بەردى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھىللېرى كلىنتون خانىم قەدەم تەشرىپ قىلدى. مۇراسىمىغا يەنە، مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
ئامېرىكا دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى «دېموكراتىيە» مۇكاپاتىنى بەرگەن بۇ 3 كىشى، ئافغانىستاننىڭ دېموكراتىيىگە قەدەم قويۇشىغا ئاساس سالغان ۋە ئافغان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئافغان مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەكىنە ياقۇبى، ئافغان تەرەققىيات فوندىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەد ناسىب، ئافغان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى سارۋار ھۇسەيىن قاتارلىقلار.
بۇ مۇراسىمدا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى كارل گېرىشمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئارىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بولۇشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ» دېدى. (پەرىدە)