2005.07.14
14 – ئىيۇل كۈنى مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 2005 – يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتىنى بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا يەنە مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى «دېموكراتىيە» مۇكاپاتىنى بەرگەن بۇ 3 كىشى، ئافغانىستاننىڭ دېموكراتىيىگە قەدەم قويۇشىغا ئاساس سالغان ۋە ئافغان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئافغان مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەكىنە ياقۇبى، ئافغان تەرەققىيات فوندىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەد ناسىب، ئافغان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى سارۋار ھۇسەيىن قاتارلىقلار.

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم مۇراسىمدىن كېيىن مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.